قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: يولدىشىم تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ بانكىغا ۋە تۇغقانلارغا قەرزدار بولۇپ قالدى، بۇنى ئادا قىلىشقا بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ھەج- ئۆمرە قىلىشىمىز توغرا بولامدۇ؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2008-11-10
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/184536
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قەرزدارنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى
972 KB
: قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى.doc
2.
قەرزدارنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى
110.1 KB
: قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى.

 

11771-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

يولدىشىم تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ بانكىغا ۋە تۇغقانلارغا قەرزدار بولۇپ قالدى، بۇنى ئادا قىلىشقا بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ھەج- ئۆمرە قىلىشىمىز توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەجنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ھەج قىلىشقا ئۆز مال- دۇنياسى بىلەن قۇدرىتى يېتىدىغان بولىشى كېرەك. (بۇ يەردە مالىيە جەھەتتىكى ئەھۋالى كۆزدە تۇتىلىدۇ).

قەرزدار كىشىنى قەرز ئىگىلىرى قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشتىن توسىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە ئاتلىنىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشى ھەج قىلىشقا مالىيە جەھەتتىن قادىر بولالمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە بېرىشىنى توسماستىن ئەپۇ قىلغان بولسا ياكى قەرزنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەج قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ ۋە ھەج ئىبادىتىمۇ توغرا بولىدۇ.

شۇنىڭدەك قەرزنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى بېكىتىلمىگەن بولسا  قاچان پۇل تاپسا قەرزنى شۇ ۋاقىتتا ئادا قىلىدىغان بولسا  ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە ئالدىرىشى ياخشى، بەلكى ھەج مەۋسۇمى ئۇ كىشىنىڭ قەرزنى تولۇق ئادا قىلىشىدا ياخشى ياردەمچى  بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

 توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچى.

 پەتىۋا كومتىتىنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 46-بەتكە، ئىسلام پەتىۋالىرى 2-توم 190- بەتكە قارالسۇن

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 6 )
Go to the Top